«<تىنچلىق بۇلىقى> ھەرىكىتى» ھەققىدە سىنلىق ئۇچۇر تارقىتىلدى

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى سۈرىيەدە « ھەربىي ھەرىكىتى» ئېلىپ بېرىلغانلىقىنىڭ بىرىنچى يىللىقىى مۇناسىۋىتى بىلەن سىنلىق كۆرۈنۈشلەرگە ئورۇن بېرىلگەن ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

1506097
«<تىنچلىق بۇلىقى> ھەرىكىتى» ھەققىدە سىنلىق ئۇچۇر تارقىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىرلىقنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان سىنلىق ئۇچۇرىدا مۇنداق دېيىلدى: «مىسلىسىز قەھرىمانلىق ۋە پىداكارلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلغان <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ بىرىنچى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەزىز شېھىتلىرىمىزنى چەكسىز ئىپتىخارلىق ھەم مىننەتدارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە ياد ئېتىمىز، قەھرىمان غازىلىرىمىزغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز.»

ئۇچۇردا يەنە، رايوندىكى سۈرىيەلىكلەرگە ئۆز زېمىنلىرىدا ھۇزۇرلۇق ۋە تىنچ – ئامان ياشىشىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈلدى.

ئۇچۇردىن ئورۇن ئالغان، «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى»  ۋە رايوندا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىگە ئالاقىدار كۆرۈنۈشلەرگە مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئودا، ھەربىي ھەرىكەت دائىرىسىدە ئېنىقلاپ چىقىلغان پارتلاتقۇچلار، پاناھ جايلار ۋە تۇنېللارنىڭ بىر – بىرلەپ يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەنلىكى تەكىتلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەربىي ھەرىكەت دائىرىسىدە تېررورچىلار ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇۋالغان 86 جامە بىلەن 7 چېركاۋنىڭ رېمۇنت قىلىنىپ، ئىبادەتكە ئېچىۋېتىلگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «سۈرىيەلىك قېرىنداشلىرىمىز ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بىخەتەر ھالدا ئۆز يۇرت – ماكانلىرىغا قايتتى. تېررورچىلار زىيان يەتكۈزگەن ئۆيلەر رېمۇنت قىلىنىپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. تېررورچىلار تالاپەت يەتكۈزگەن 400 مەكتەپتە نۆۋەتتە  35 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئوقۇماقتا.»

ۋىدېئونىڭ ئاخىرىدا، «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» ئارقىلىق سۈرىيەدە تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا قارىتا ئۈمىد ئۇچقۇنلىرىنىڭ قايتىدىن چاقنىغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر