شىمالىي ئىراقتا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

ئىراقنىڭ شىمالىدا ۋە شىرناقتا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 7 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1505781
شىمالىي ئىراقتا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «پەنجە – قاپلان» ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاملىشىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھافتانىن رايونىدا، ئالدىن ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 5 تېررورچى، ھاۋا ھۇجۇمى نەتىجىسىدە بىر تەرەپ قىلىندى. ھەربىي ھەرىكەتلىرىمىز، ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى يوقىتىلغانغا قەدەر ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ.»

ئىچكى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بولسا، «چاقماق -1» ھەربىي ھەرىكىتى  دائىرىسىدە، «جۇدى تېغى» رايونىدا، شىرناق ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ياردىمى ئاستىدا بىرلەشمە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقى، بۇ جەرياندا، قوراللىق ئىككى تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى، ھەمدە رايوندا ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر