ئەردوغان: تاغلىق-قاراباغ مەسىلىسى ئىشغالىيەت ئاخىرلاقاندا ھەل بولىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيەنىڭ ھاكاۋۇر ۋە مۇرەسسە قىلماسلىق پوزىتسىيەسى سەۋەبىدىن 30 يىلدىن بۇيان ئېغىر يارىغا ئايلانغان تاغلىق-قاراباغ مەسىلىسىنىڭ ئىشغالىيەتنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن ھەل بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1505498
ئەردوغان: تاغلىق-قاراباغ مەسىلىسى ئىشغالىيەت ئاخىرلاقاندا ھەل بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان تۈركىيە-ئافرىقا ئىقتىساد ۋە سودا ھەمكالىق مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش يىغىنىدا نەق مەيدان ئۇلىنىش ئارقىلىق سۆزلىگەن نۇتىقىدا، ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجان زېمىنىغا قىلىنغان ھۇجۇملار ئۈستىدا توختالدى.

ئەردوغان تاغلىق-قاراباغنىڭ 30 يىلدىن بېرى ئەرمېنىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان ئەزەربەيجان زېمىنى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «ئەرمېنىيەنىڭ ھاكاۋۇر ۋە مۇرەسسە قىلماسلىق پوزىتسىيەسى سەۋەبىدىن 30 يىلدىن بۇيان ئېغىر يارىغا ئايلانغان تاغلىق-قاراباغ مەسىلىسىنىڭ چارىسى ئىشغالىيەتنىڭ ئاخىرلىشىدۇر. ئىشغالىيەتنى قانۇنلۇق ھالغا كەلتۈرۈش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ھېچقانداق نەتىجىسى بولمايدۇ» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجاننىڭ زېمىنلىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەققانىي كۈرىشىنى تۈركىيەنىڭ قوللاپ - قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «بىز بارلىق دۆلەتلەرنى ئەزەربەيجاننىڭ يېنىدا تۇرۇشقا چاقىرىق قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر