ئەنقەرە ياۋروپا كومىتېتىنىڭ تۈركىيە دوكلاتىنى رەت قىلدى

ئەنقەرە، ياۋروپا كومىتېتىنىڭ 2020 – يىللىق تۈركىيە دوكلاتىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

1504174
ئەنقەرە ياۋروپا كومىتېتىنىڭ تۈركىيە دوكلاتىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ياۋروپا كومىتېتىنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى دوكلاتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، «2020 – يىللىق تۈركىيە دوكلاتى، بۇ يىلمۇ ياۋروپانىڭ بىر تەرەپلىمە، بەرپاچىلىقتىن يىراق ۋە قوش ئۆلچەملىك پوزىتسىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە. بۇ دوكلاتتىمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورۇندىمىغان مەسئۇلىيەت ۋە ئەھدىلەرگە ئورۇن بېرىلمەي، ئاساسسىز قاراشلارغا ئاساسەن دۆلىتىمىز ئەيىبلەنمەكتە. خۇسۇسەن باشقۇرۇش سىستېمىمىز، سايلام، ئاساسىي ھەق - ھوقۇق، بىر قىسىم ئەدلىيە ۋە مەمۇرىي قارارلار بىلەن تېررورلۇققا قارشى يولغا قويۇلغان قانۇنلۇق تەدبىرلەر، شۇنداقلا بىزنىڭ تاشقى، خەۋپسىزلىك ۋە ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىمىزگە مۇناسىۋەتلىك بىر تەرەپلىمە، ئادالەتسىز ۋە مۇۋازىنەتسىز تەنقىدلەر، دوكلاتنىڭ ئوبيېكتىپلىقتىن قانچىلىك يىراقلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

دوكلاتتا، «ياۋروپا كومىتېتىنىڭ 2020- يىللىق تۈركىيە دوكلاتىنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىز، ئەگە ۋە قىبرىس مەسىلىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك قىسىملىرى پۈتۈنلەي گىرېك، رىم قاراشلىرىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال كومىتېتنىڭ تەرەپسىزلىكىگە داغ چۈشۈرمەكتە. نە قىبرىس مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا، نە ئەگە ۋە شەرقىي ئاقدېڭىزنىڭ مۇقىملىقىغا پايدىسى بولمايدىغان بۇ بىر تەرەپلىمە ۋە قانۇنسىز كۆز قاراشنى رەت قىلىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر