ئەردوغان ناتو باش كاتىپى ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنى قوبۇل قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى - ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگنى قوبۇل قىلدى.

1503422
ئەردوغان ناتو باش كاتىپى ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، يېنس ستولتېنبېرگ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكىلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا، تۈركىيە – ناتو مۇناسىۋەتلىرى بىلەن شەرقىي ئاقدېڭىز، سۈرىيە ۋە لىۋىيە قاتارلىق رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنغان.

ئەردوغان، گىرېتسىيەنىڭ بارلىق پاسسىپ پوزىتسىيەلىرىگە قارىماي، تۈركىيەنىڭ، باشتىن تارتىپلا ناتونىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدا تۈركىيە ۋە گىرېتسىيە ئەسكەرلىرى ئارىسىدا قازا ۋە ھەرخىل ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىش خەۋپىنى ئازايتىش تەشەببۇسىنى قوللاپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پۈتكۈل رايون ۋە ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن مۇساپىرلار كىرىزىسىغا قارشى يالغۇز دېگۈدەكلا كۈرەش قىلغان تۈركىيەنىڭ، لىۋىيەدىمۇ تەڭپۇڭلۇقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن سەمىمىي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بىردىنبىر ناتو ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ھەم ئۆزى ۋە ھەم ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ھەق ۋە تىرىشچانلىقلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ كەلگەنلىكىنى، ئوخشاش سەزگۈرلۈكنى باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەردىن كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى بىلەن ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى قارارلىرىنىڭ ئەرمېنىيەنى ئىشغال قىلىنغان ئەزەربەيجان زېمىنىدىن دەرھال، پۈتۈنلەي ۋە ئالدىنقى شەرتسىز چېكىنىشكە چاقىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئەردوغان، ناتودىكى بەزى ئىتتىپاقداشلارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ / پ ي د بىلەن ھەمكارلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇشىنىڭ ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنى ھىمايە قىلىشىنىڭ ئىتتىپاقداشلىق روھىنى زەھەرلەۋاتقانلىقىنى كۈچلۈك شەكىلدە تەكىتلەپ ئۆتكەن.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «ناتو ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ تۈركىيە بىلەن كونكرېت ئىتتىپاقلىقنى نامايان قىلىشى» كېرەكلىكىگە ئىشارەت قىلىپ، ئىتتىپاقنىڭ پائاللىقىنىڭ خەۋپكە ئىتتىرىلمەسلىكىدە ناتونىڭ ناھايىتى مۇھىم رولى ۋە مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر