تۈركىيە مالىنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىدىن كۆزەتمەكتە

تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت مالىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە.

1503852
تۈركىيە مالىنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىدىن كۆزەتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە  تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن مالىدا ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، تۈركىيەنىڭ دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت مالىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ يېقىندا بۇ دۆلەتكە قىلغان زىيارىتى ئارقىلىقمۇ نامايەن قىلغىنىدەك، يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقى، مالىنىڭ ۋاقىتلىق پىرېزىدېنتى باھ نداۋ تەرىپىدىن 5 – ئۆكتەبىر كۈنى ئىمزالانغان قارارنامىگە ئاساسەن «مۇۋەققەت ھۆكۈمەت» نىڭ قۇرۇلغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئۆتكۈنچى باسقۇچنى باشقۇرۇش ئۈچۈن پۇقراۋى بىر دۆلەت باشلىقى ۋە باش مىنىستىرنىڭ تەيىنلىنىشىدىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭمۇ قۇرۇلۇشى بىلەن قايتىدىن ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمنىڭ ئورنىتىلىشى ۋە دۆلەت دۇچ كېلىۋاتقان ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدىكى قىيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتۈش ئۈچۈن تېگىشلىك قەدەملەرنىڭ تېزلىك بىلەن تاشلىنىشىغا تىلەكداشمىز. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ غەربىي ئافرىقا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى ۋە ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مالىدىكى باسقۇچنىڭ ئىجابىي يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرىلىشىگە قارىتا تىرىشچانلىقلىرىمۇ خۇشاللىنارلىق ئىشتۇر. تۈركىيە بۇ باسقۇچتا دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت مالىنىڭ يېنىدا بولۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر