سويلۇ: نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ تۈركىيەدە بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان يۇقىرى دەرىجىلىك 87 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

1503842
سويلۇ: نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سويلۇ، قوراللىق ساقچى قىسىم ۋە ساھىل بىخەتەرلىك ئاكادېمىيەسىنىڭ 2020 – 2021 – يىللىق ئوقۇ – ئوقۇتۇش يىلى ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك نىڭ شەھەر قۇرۇلمىسىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، «تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار تىزىملىكى» دىكى 105 گۇمانداردىن 89 ىنىڭ قولغا چۈشكەنلىكىنى، يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە 15، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان 87 يۇقىرى دەرىجىلىك تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى، تېررورچىلارغا قارىتا قايىل قىلىپ، تەسلىم بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش پائالىيەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «قايىل قىلىش پائالىيەتلىرىمىز، تەسلىم بولۇش چاقىرىقلىرىمىز، تاغدىكى ھەر بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى مەنسۇبى ئۈچۈن، كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشتىن بۇرۇنقى ئاخىرقى چىقىش يولىدۇر. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان 187 كىشى تاغدىن چۈشۈپ، تەسلىم بولدى. بۇلاردىن 15 ى ئۆزلىكىدىن، 172 سى قايىل قىلىش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە تەسلىم بولدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر