بۈگۈن كابېنت يىغىنى ئېچىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىسلىك كابېنت يىغىنى بۈگۈن (2020-يىلى 5-ئۆكتەبىر) نۇرغۇن كۈنتەرتىپ ماددىلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېچىلىدۇ.
1502828
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باشچىلىقىدا ئېچىلىدىغان كابېنت يىغىنىدا، شەرقىي ئاقدېڭىز مەسىلىسى كۈنتەرتىپ ماددىلىرىنىڭ بېشىدىن ئورۇن ئالىدۇ.
گىرېتسىيە بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇچرىشىشلار يىغىندا قاراپ چىقىلىدۇ.
يىغىندا، ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە ئالدىنقى سېپىدىكى ئۆزگىرىشلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ ۋە تۈركىيەنىڭ توقۇنۇشلارنىڭ بېشىدىن تارتىپ ئەزەربەيجاننى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىدۇ.
يىغىندا يەنە، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتلار مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.
كابېنت يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى تۇرۇش ماددىسىمۇ بار. سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش خىزمەتلىرى ۋە يەرلىك ۋاكسىنا تەتقىقاتى ئەھۋاللىرى توغرىسىدا كابېنت ئەزالىرىغا مەلۇمات بېرىدۇ.