تۈركىيە ئەزەربەيجانغا جىددىي قۇتقۇزۇش سومكىسى ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى زېمىنلىرىنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن ئەرمېنىيەگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغان  ئەزەربەيجانغا 500 دانە جىددىي قۇتقۇزۇش سومكىسى ياردەم قىلدى.

1502146
تۈركىيە ئەزەربەيجانغا جىددىي قۇتقۇزۇش سومكىسى ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باكۇدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەزەربەيجان قىزىلئاي جەمئىيىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن 500 دانە جىددىي قۇتقۇزۇش سومكىسى، ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىگە ئەۋەتىلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئەزەربەيجان قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ پىدائىيلىرى، 500 دانە سومكىغا قاچىلانغان جىددىي قۇتقۇزۇش ئەسۋاب – جابدۇقلىرى ئارقىلىق،  تەرتەر، ئاغدام، فۇزۇلى، داشكەسەن، نافتالان ۋە گورانبوي ۋىلايەتلىرىدە يارىدار پۇقرالارغا مۇلازىمەت قىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر