چاۋۇشئوغلۇ: ئەزەربەيجان تەلەپ قىلسا، ياردەم قىلىشتىن باش تارتمايمىز

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەزەربەيجان تەلەپ قىلغان ئەھۋالدا تۈركىيەنىڭ ياردەم قىلىشتىن باش تارتمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1501904
چاۋۇشئوغلۇ: ئەزەربەيجان تەلەپ قىلسا، ياردەم قىلىشتىن باش تارتمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىتالىيە پايتەختى رىمدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لۇيچى دىمايو (Luigi Di Maio ) بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ھەر قاچان بۇ مەسىلىلەرنى تىنچلىق ئۇسۇلىدا ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرى رامكىسىدا ھەل قىلىشنى قوللاپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بىراق، بۈگۈنگىچە ھېچقانداق قەدەم بېسىلمىدى. ئەزەربەيجاننىڭ ئۆز زېمىنلىرىنى قايتۇرۇۋالالىغىدەك كۈچى بار. ئەزەربەيجاننىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى ئېلان قىلىشى ئۈچۈن ئەرمېنىيە چېكىنىشى كېرەك. ئەزەربەيجان بۈگۈنگىچە بىزدىن كونكرېت تەلەپتە بولمىدى. ئەگەر تەلەپ قىلسا، كىم نېمە دېيىشىدىن قەتئىينەزەر ياردەم قىلىمىز» دېدى.

«ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى تاغلىق قاراباغ مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنماسلىقى، ئەرمېنىيەنى جاسارەتلەندۈرۈپ، ھۇجۇمغا ئىلھام بولدى» دېگەن مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، بۇنىڭ بۇنداق داۋام قىلسا بولمايدىغانلىقىنى ۋە مەسىلىنىڭ يىلتىزىدىن ھەل قىلىنىشى كېرەكلىىنى تەكىتلىدى.

ئۇ خەلقئارا جەمئىيەت بىر ئىشنى خالىسا، ئەرمېنىيەنى ئەزەربەيجان زېمىنىدىن دەرھال چېكىندۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق تىرىشچانلىقنى، پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ.رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئەرمېنىيەگە پايدىلىق.»

ئۇ شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدىمۇ توختىلىپ: «ياۋروپا ئىتتىپاقى دۇنيا تەشكىلاتى بولۇشنى خالىسا، گىرېتسىيەگە ‹سەن ئادىل قىلمايۋاتىسەن› دېيەلىشى كېرەك. بىز ياخشى نىيىتىمىزنى كۆرسەتتۇق. ھەق-ھوقۇقىمىزنى قوغداشتا قەتئىي ئىكەنلىكىمىزنى نامايان قىلدۇق. كېلىڭلار ئادىل بۆلۈشۈش ئۈچۈن بىرلىكتە كۈچ چىقىرايلى. بۇ يەردە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يولى ئىنتايىن مۇھىم» دېدى.        



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر