ئەردوغان جونسون بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون بىلەن تېلېفونلاشتى.

1499086
ئەردوغان جونسون بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە  -  ئەنگلىيە مۇناسىۋەتلىرىنى گۈللەندۈرىدىغان نۇقتىلار مۇزاكىرە قىلىنغان تېلېفون سۆھبىتىدە، شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجانغا قىلغان ھۇجۇملىرى پەيدا قىلغان جىددىيچىلىك قاتارلىق رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنغان.

ئەردوغان بىلەن جونسون ئۆزئارا سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئاشۇرۇش ۋە 20 مىليارد دوللارلىق سودا مىقدارى نىشانىغا يېتىش ئىرادىسىنى قايتا -  قايتا تەكىتلىگەن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ناھايىتى زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە مۇداپىئە ساھەسى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە كۈچەيتىش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆھبەت جەرياندا، ئەنگلىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىز مەسىلىسىدە تەڭپۇڭ ۋە تەرەپسىز پوزىتسىيە تۇتۇشىنىڭ، سۆھبەت ۋە ھەمكارلىق تىرىشچانلىقىنى قوللىشىنىڭ ئورتاق مەنپەئەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجانغا قىلغان ھۇجۇمى پەيدا قىلغان توقۇنۇشلارنى تىلغا ئالغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن، ئەرمېنىيەنىڭ يۇقىرى قاراباغ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئىشغال قىلغان رايونلاردىن چېكىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر