شەنتوپ، ئوكتاي، ئاقار، قالىن ۋە چەلىك ئەرمېنىيەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ، مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن ۋە ئاق پارتىيە باياناتچىسى چەلىك ئەرمېنىيەنى ئەيىبلىدى.

1498008
شەنتوپ، ئوكتاي، ئاقار، قالىن ۋە چەلىك ئەرمېنىيەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەزەربەيجاننى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەرمېنىيەنىڭ پۇقرالارنى نىشان قىلغان ھۇجۇملىرى شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى، ئەرمېنىيە پەقەت ئەزەربەيجانغا قارشى بىر تەھدىتلا ئەمەس، پۈتكۈل رايوننىڭ تىنچلىقى جەھەتتىنمۇ ئوڭشالمايدىغان قورقۇنچلۇق تېررورلۇق دۆلىتىدۇر، ھەمدە ئوتتۇرىغا چىققۇسى ئاقىۋەتلەرنىڭمۇ بىردىنبىر جاېابكارىدۇر. تۈركىيە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەزەربەيجاننى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.»

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «ئەرمېنىيەنىڭ بۈگۈن ئەتىگەن تەرەپلەردە ئەزەربەيجان زېمىنلىرىغا قىلغان نومۇسسىزلارچە ھۇجۇملىرىنى لەنەتلەيمەن، سېپى ئۆزىدىن ئىغۋاگەر ئەرمېنىيە، ھەق – ھوقۇق، قانۇن، ۋەدىسىدە تۇرۇش، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلىش قاتارلىق ئۇقۇملارنى قانداق چۈشىنىدىغانلىقىنى پۈتكۈل جاھانغا يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇلارنى كۆرۈپ، ھەق بىلەن ناھەقنى ئېنىق ئايرىشىنىڭ دەل ۋاقتى يېتىپ كەلدى. تۈركىيە قانداق قىلىشقا تېگىشلىك بولسا، شۇ شەكىلدە ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىنىڭ ھەمىشە يېنىدىدۇر.»

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «كاۋكاز رايونىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ، ئەرمېنىيەنىڭ زوراۋانلارچە پوزىتسىيەسىدۇر. دەرۋەقە، ئەرمېنىيە رايوننى ئۇرۇش ئوتىغا ئىتتىرىدىغان بۇ زوراۋانلىقىدىن دەرھال ۋاز كېچىشى كېرەك. ئەرمېنىيەنىڭ نومۇسسىزلارچە ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش كۈرىشىدە ئاداققىچە ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا بولىمىز.»

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەرمېنىيەنىڭ پۇقراۋى ئولتۇراق رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «خەلقئارا جەمئىيەت بۇ خەۋپلىك ئىغۋاگەرچىلىككە دەرھال خاتىمە بېرىشى كېرەك. بۇ ھۇجۇملار ئالدىدا، تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ يېنىدىدۇر. ھۇجۇملاردا ھاياتىدىن ئايرىلغان قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت تىلەيمىز. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، ئەزەربەيجان ھەرگىزمۇ يالغۇز ئەمەستۇر، ھەر جەھەتتىن تۈركىيەنىڭ ياردىمى ھەم قوللىشىغا ساھىبتۇر.»

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «ئەرمېنىيە يەنە بىر قېتىم خەلقئارا قانۇننى كۆزگە ئىلماي ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى. ئەرمېنىيەگە قاراشلىق قەتلىئام شايكىلىرى بۇ ھۇجۇملار ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلماقتا. خەلقئارا جەمئىيەت ئەرمېنىيەگە قارشى ئاۋازىنى چىقىرىشى كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر