شەنتوپ نەنسي پېلوسىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستاپا شەنتوپ، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى باشلىقى نەنسى پېلوسىنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى بايانلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1497679
شەنتوپ نەنسي پېلوسىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەنتوپ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسى ئارقىلىق پېلوسىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «پېلوسىنى، ئامېرىكادىكى ئىچكى سىياسىي تىركىشىشنى كۆزدە تۇتۇپ، دۆلىتىمىز توغرىسىدا نادانلارچە شۇنداقلا ھۆرمەتسىز سۆزلەرنى قىلغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق ئەيىبلەيمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيەنىڭ، 144 يىللىق پارلامېنت ۋە ئاساسىي قانۇن ئەنئەنىسى بىلەن، دۇنيانىڭ دۇنيانىڭ يىلتىزى ئەڭ چوڭقۇر دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن شەنتوپ، تۈركىيەنىڭ، 100 يىل بۇرۇن ئىشغالغا خاتىمە بەرگەن مىللىي مۇجادىلىسىنىمۇ پارلامېنتنىڭ ئىرادىسى ۋە مىللىي ئىرادىگە ئاساسەن ئېلىپ بارغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.

شەنتوپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «نەنسى پېلوسى،  ئەگەر دېموكراتىيە سەزگۈرلۈكىدە سەمىمىي بولسا، قوللىنىشچان دىكتاتورلارنى ۋە ئىسيانچى گېنېراللارنى قانۇنلۇق رەھبەرلەردىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويغان ۋە تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنى قوللىغان ئامېرىكا سىياسەتلىرىنىڭ ھېسابىنى دۇنيا خەلقىنىڭ ئالدىدا بېرىشى كېرەك. پېلوسى ۋە ئۇنىڭ بىلەن تۈرداش سىياسەتچىلەرگە باشقا دۆلەتلەرگە، خۇسۇسەن تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق سايلام رىقابىتىنى داۋاملاشتۇرماسلىقىنى؛ ئىككى يۈزلىمىچى بىر قىسىم غەربلىك سىياسەتچىلەر تەرىپىدىن ئېتىبارسىزلاشتۇرۇلغان «دېموكراتىيە» ئۇقۇمىنىڭ ئارقىسىدا پاناھلانماي تۇرۇپمۇ سىياسەت يۈرگۈزگىلى بولىدىغانلىقىنى ئۆگىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر