ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن بىلەن سىن ئارقىلىق كۆرۈشتى.

1496299
ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان، ھەمدە 40 مىنۇت داۋاملاشقان ئۇچرىشىشتا، ئەردوغان، شەرقىي ئاقدېڭىز مەسىلىسىنىڭ سەۋەبىنىڭ، گىرېتسىيە بىلەن جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى چوڭ  دەۋالىرى، ھەمدە تۈركىيە ۋە قىبرىس تۈركلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ يوققا  چىقىرىلىىش تەشەببۇسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن باشتىن تارتىپلا دىيالوگ تەرەپدارى بولۇپ كېلىۋاتقان تۈركىيەنىڭ، گىرېتسىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، دىپلوماتىيەگە بېرىلگەن پۇرسەتنىڭ، گىرېتسىيە تەرىپىدىن ئىلگىرىكىدەكلا يەنە قولدىن كەتكۈزۈپ قويۇلۇشىنى خالىمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى 18 – مارت كۆچمەنلەر كېلىشىم لايىھەسىنىڭ يېڭىلىنىشى، تاموژنا بىرلىكىنىڭ نىزامنامىلىرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈشى ۋە تۈركىيە پۇقرالىرىغا ۋىزىسىز ساياھەت قىلىش ھوقۇقى بېرىلىشىگە قارىتا تاشلىنىدىغان قەدەملەرنىڭ، مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشىغا ساغلام زېمىن ھازىرلاپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە ئادىل يۈك ۋە مەسئۇلىيەتنى ئورتاقلىشىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ، گىرېتسىيە بىلەن ياۋروپا چېگرا ۋە دېڭىز قىرغىقى بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ، كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇۋېتىش تۈزۈملىرى ئارقىلىق سادىر قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە تاقابىل تۇرۇشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر