ئەردوغان ستولتېنبېرگ بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1496416
ئەردوغان ستولتېنبېرگ بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە تۈركىيە – شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشتا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىز مەسىلىسىدە باشتىن تارتىپلا سۈركىلىشنى پەسەيتىش ۋە دىيالوگ ئورنىتىش تەرەپدارى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى پەقەت باياناتلىرى ئارقىلىقلا ئەمەس، ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى بىلەنمۇ ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا نامايەن قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

گىرېتسىيەنىڭ سۈركىلىشنى ئەۋج ئالدۇرۇۋېتىشى ۋە ئىغۋاگەرلىكلىرىگە قارىماي، تۈركىيەنىڭ سوغۇققان بولۇش پوزىتسىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئەردوغان، كىرىزىسكە ھەل قىلىش چارىسى ئىزدەش مۇزاكىرىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ، گىرېتسىيەنىڭ جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش يولىدا تاشلىغۇسى سەمىمىي قەدەملىرىگە باغلىق بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگنىڭ، شەرقىي ئاقدېڭىز مەسىلىسىدە كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيەنڭ شەرقىي ئاقدېڭىز مەسىلىسىدە  ناتودىكى ياراشتۇرۇش باسقۇچىنى باشتىن تارتىپلا قوللاپ قىلىۋاتقانلىقىنى، ھەمدە مۇرەسسەلىشىشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەنىڭ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ياراشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملىنىشى ۋە بىردەكلىك ھاسىل قىلىشنى چىن دىلىدىن ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ناتو ھەمكارلىقى ۋە بۇ دائىرىدە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ رايونلۇق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر