شىرناقتا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

«چاقماق – 1 ھەربىي ھەرىكىتى» دائىرىسىدە شىرناق ۋىلايىتىنىڭ بەيتۇششەباپ ناھىيەسىنىڭ كاتو جىركا رايونىدا 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1496634
شىرناقتا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كاتو جىركا رايونىدا، ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن ئەتىگەن تەرەپلەردە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا، 4 تېررورچى قورال – ياراغلىرى بىلەن بىرلىكتە بىر تەرەپ قىلىنغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، يېقىنقى ئىككى كۈن ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلارنىڭ سانى 8 گە يەتكەن رايوندا، تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا ئىكەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، پ ك ك/ك ج ك تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ قايىل قىلىنىش ئارقىلىق تەشكىلاتتىن ئايرىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا.

بۇ دائىرىدە، ۋاندا قوراللىق ساقچى قىسىم ئەترەتلىرىنىڭ قايىل قىلىش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە پ ك ك ؛خەلقئارا بىر تېررورچى، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.

مەزكۇر تېررورچىنىڭ، تەشكىلاتقا 1992 يىلى كىرگەنلىكى ۋە ئىراقتا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلدى.

شۇنىڭ بىلەن، 1 – يانۋاردىن بۇيان قايىل قىلىش خىزمەتلىرى ئىشلىنىش نەتىجىسىدە تەشكىلاتتىن ئايرىلىپ، تەسلىم بولغانلارنىڭ سانى 163 كە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر