دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى بۈگۈن يىغىن چاقىرىدۇ

دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى بۈگۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە يىغىن چاقىرىدۇ.

1496374
دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى بۈگۈن يىغىن چاقىرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى بۈگۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە يىغىن چاقىرىپ، شەرقىي ئاقدېڭىزغا مۇناسىۋەتلىك ھەم ئۈستەل ئەتراپىدىكى ھەم ئەمەلىي مەيداندىكى ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەردە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ لىۋىيە باش مىنىستىرى فايىز سەرراج بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىمى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىنى ھاسىل قىلغانىدى.

كېلىشىمنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى بولغان سەرراج ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن «سەرراجتىن كېيىنكى لىۋىيە» تېمىسى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىنىڭ مۇزاكىرە كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

يىغىندا يەنە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك  ۋە ئۇنىڭ گۇماشتىلىرىغا قارشى دۆلەت ئىچى – سىرتىدا قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىمۇ مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر