ئەردوغان مېركېل بىلەن مىشېلنىڭ غەيرەتلىرىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دىيالوگ قاناللىرىنى جانلاندۇرۇش نۇقتىسىدا ھاسىل قىلىنىدىغان كېلىشىمنىڭ قانداق ئىلگىرىلىشى كېرەكلىكى مەسىلىسىدە، گىرېتسىيەنىڭ باسىدىغان قەدەملىرىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1495400
ئەردوغان مېركېل بىلەن مىشېلنىڭ غەيرەتلىرىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى چارلىز مىشېل ۋە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن كۆرۈشتى.

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى ئۈچ تەرەپ كۆرۈشۈشى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ۋىدېئو كونفېرانس شەكلىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ تەرەپ يىغىنىدا، تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەڭ دائىرىدە مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان يىغىندا، تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيەنىڭ ئۇچرىشىشلارنى باشلاشقا تەييار ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دىيالوگ قاناللىرىنى جانلاندۇرۇش نۇقتىسىدا ھاسىل قىلىنىدىغان كېلىشىمنىڭ قانداق ئىلگىرىلىشى كېرەكلىكى مەسىلىسىدە، گىرېتسىيەنىڭ باسىدىغان قەدەملىرىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، قىبرىس تۈركلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تەرەپلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان رايون خاراكتېرلىك كونفېرانستىن ئىجابىي قارارلارنىڭ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

پەيشەنبە (2020-يىلى 24-سېنتەبىر) باشلىنىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ، تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىگە يېڭى نەپەس ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ياخشى نىيەت بىلەن تاموژنا بىرلەشمە كېلىشىمى، ۋىزا ئەركىنلىكى ۋە كۆچ كېلىشىمى مەسىلىلىرىدە كونكرېت قەدەملەر بېسىلغان ئەھۋالدا، تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قايتىدىن ئىجابىي سەۋىيەگە چىقىدىغانلىقىدىن گۇمان قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە بىلەن ساغلام بولغان ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنىڭ رايونلۇق مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى، مېركېل بىلەن مىشېلنىڭ تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىگە مۇسبەت كۈنتەرتىپ يارىتىش غەيرەتلىرىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر