ئەردوغان ۋاكسىنا توغرىسىدا خۇش خەۋەر بەردى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋاكسىناسىنى 2021-يىلىنىڭ دەسلەپكى ئايلىرىدا بازارغا سېلىشنى پىلانلاۋاتىمىز» دېدى.

1494794
ئەردوغان ۋاكسىنا توغرىسىدا خۇش خەۋەر بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كابېنت يىغىنىدىن كېيىن مۇھىم باياناتلارنى ئېلان قىلدى.

ئۇ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇشتا يېڭى سەھىپىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قولغا كەلتۈرۈلگەن تەجرىبىگە ۋە بېسىلغان مۇساپىغا ئاساسەن يېڭى ئىستراتېگىيە تۈزگەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «ئوخشىمىغان سەككىز ۋاكسىنا تەتقىقاتلىرىنىڭ ئىككىسىدە، ھايۋانلار ئۈستىدە قىلىنغان تەجرىبىلەر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى. ۋاكسىنانى 2021-يىلىنىڭ دەسلەپكى ئايلىرىدا خىزمەتكە سۇنۇشنى پىلانلاۋاتىمىز. تۈركىيە ۋىرۇس ئوتتۇرىغا چىققاندىن تارتىپ يولغا قويغان تەدبىرلەر ۋە بېمارلارغا بېرىلگەن خىزمەتلەر نۇقتىسىدىن دۇنيادا ئۆرنەك كۆرسىتىلگەن دۆلەتلەر ئارىسىدىن ئورۇن ئالدى» دېدى.

ئۇ قەھۋەخانا ۋە رېستوران تەكشۈرۈش، ئايرىم تۇرۇشى كېرەك بولغان كىشىلەرنى نازارەت قىلىش، 65 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەرنىڭ قاتناش ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىشىغا چەكلىمە قويۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى كۈچەيتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«تەدبىرلەرنى كىشىلەرنى قىيناش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بارلىق كىشىلىرىمىزنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداش ئۈچۈن يولغا قويىمىز.»  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر