تۈركىيە مۇسۇل كونسۇلخاناسىنى قايتا ئاچىدىغان بولدى

تۈركىيەنىڭ موسۇلدىكى باش كونسۇلى مەھمەت كۈچۈكساقاللى، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى مۇسۇلنى ئىشغال قىلغانلىقى سەۋەبىدىن تاقىۋىتىلگەن مۇسۇل كونسۇلخاناسىنىڭ قايتا ئېچىلىش خىزمەتلىرىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1493889
تۈركىيە مۇسۇل كونسۇلخاناسىنى قايتا ئاچىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق موسۇل باش كونسۇلى مەھمەت كۈچۈكساقاللى، مۇسۇل شەھەر مەركىزىدە پائالىيەت باشلىغان تۈركىيەگە ۋىزىغا ئىلتىماس قىلىش مەركىزىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، مۇخبىرلارغا بايانات بەردى.

ۋىزا مەركىزىنىڭ پائالىيەتكە ئۆتكۈزۈلىشىنىڭ موسۇل خەلقى ئۈچۈن مۇھىم بىر مۇلازىمەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن كۈچۈكساقاللى، ۋىزىنى قانداق ئېلىش توغرىسىدا تۆۋەندىكىچە چۈشەندۈرۈش بەردى:

«تۈركىيە ۋىزىسىنى ئېلىش ئاسان. ئىلتىماس قىلىشتىن بۇرۇن تېلېفون مەركىزىگە تېلېفون قىلىپ، ئۇچرىشىش ۋاقتى ئېلىڭ ۋە ساياھەت مەقسىتىڭىزگە ئاساسەن كېرەكلىك ھۆججەتلەر ھەققىدە مەلۇمات سوراڭ. ئىلتىماس جەريانىدىمۇ ساياھەت، داۋالىنىش، سودا ۋە ئوقۇشقا ئوخشاش ساياھەت قىلىشتىكى مەقسىتىڭىزنى بىلدۈرۈڭ. ۋىزا بىر يىللىق كۈچكە ئىگە. شۇڭا ۋىزا ئىلتىماسىنى ئاخىرقى پەيتكە سۆزماڭ»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر