ئەردوغان: دۆلىتىمىزنىڭ بىر تامچە سۈيىنىمۇ، بىر غېرىچ تۇپرىقىنىمۇ قوغدايمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى 2 مىڭ يىللىق ئۆتمۈشكە ئىگە قەدىمىي دۆلەتتۇر» دېدى.

1493759
ئەردوغان: دۆلىتىمىزنىڭ بىر تامچە سۈيىنىمۇ، بىر غېرىچ تۇپرىقىنىمۇ قوغدايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە دىيالوگ ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ ئۇچۇرىدا، بارلىق سەمىمىي چاقىرىقلارغا قۇلاق سېلىپ دىپلوماتىيە ئورۇن ئېچىش، مەسىلىلەرنى دىيالوگ يولى ئارقىلىق ھەممە نەپ ئالىدىغان شەكىلدە ھەل قىلىشنىڭ نىيىتىدە بولۇپ كەلگەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ، «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى 2 مىڭ يىللىق ئۆتمۈشكە ئىگە بىر دۆلەتتۇر. قىلچە تەرەددۇت قىلماستىن باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بۇ مۇساپىنى تەمكىن ۋە سوغۇققانلىق بىلەن داۋاماشتۇرۇپ، ئارقا – ئارقىدىن قىلىنىۋاتقان ئىغۋاگەرچىلىكلەرگە قەتئىي ئېتىبار بەرمەي كەلمەكتىمىز. بارلىق سەمىمىي چاقىرىقلارغا قۇلاق سېلىپ دىپلوماتىيەگە ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە ئورۇن ئېچىش، مەسىلىلەرنى دىيالوگ يولى ئارقىلىق ھەممە نەپ ئالىدىغان شەكىلدە ھەل قىلىشنىڭ نىيىتىدىمىز. دۆلىتىمىزنىڭ بىر تامچە سۈيىنىمۇ، بىر غېرىچ زېمىنىنىمۇ بۇ قاراش بىلەن قوغداشنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر