ئەردوغان: مىچوتاكىس بىلەن كۆرۈشۈشتە مەسىلە يوق

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكىس بىلەن كۆرۈشۈشتە مەسىلە يوقلۇقىنى ئېيتتى.

1493235
ئەردوغان: مىچوتاكىس بىلەن كۆرۈشۈشتە مەسىلە يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان، ئىستانبۇلدا جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، يەر تەۋرەش تەتقىقات پاراخوتى «ئورۇچ رەئىس» نىڭ، شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى تەتقىقات پائالىيەتلىرىنىڭ ۋاقتىنچە توختىتىلىپ، ئانتاليا پورتىغا چېكىندۈرۈلۈشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «<ئورۇچ رەئىس> پاراخوتىنى كونترول ئۈچۈن پورتقا چېكىندۈرگەن بولساق، بۇنىڭ بىر ئۇقۇمى باردۇر. دىپلوماتىيەگە يېڭى بىر پۇرسەت يارىتىپ بېرەيلى، دەپ شۇنداق قىلدۇق. لېكىن، بۇ پاراخوتىمىزنىڭ كونترول ئۈچۈن چېكىندۈرۈلۈشى، بىزنىڭ تامامەن يەر تەۋرەش تەتقىقاتلىرىمىزنىڭ توختاپ قالغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. دەرۋەقە، پاراخوتىمىز، كونترول تاماملانغان ھامان، ۋەزىپە ئۆتەش ئورنىغا قايتىپ، تەتقىقاتلىرىنى ئەينەن داۋاملاشتۇرىدۇ.»

مىچوتاكىس بىلەن كۆرۈشۈشتە مەسىلە يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «نېمە توغرۇلۇق كۆرۈشىمىز، قايسى رامكا ئاستىدا كۆرۈشىمىز، ئەسىلىدە مۇھىم بولغىنى مۇشۇ نۇقتىدۇر.»

ئەردوغان، تۈركىيە – مىسىر مۇناسىۋەتلىرى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مىسىر بىلەن ئاخبارات ساھەسىدىكى ئۇچرىشىشلار پەرقلىق بولۇپ، بۇ ھەقتە ھېچقانداق مەسىلە يوق، ھېچقانداق توسالغۇمۇ يوق، ئەمما مىسىرنىڭ گىرېتسىيە بىلەن كېلىشىم تۈزۈشى بىزنى قاتتىق رەنجىتتى.»

لىۋىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىلىقمۇ توختالغان ئەردوغان، مۇنداق دېدى: «لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ رەھبىرى ۋە ھەربىي ئىسيانچى ھەفتەر، بەرىبىر مەغلۇب بولىدۇ، بۇنىڭ شۇنداقلىقىنى ھازىردىن باشلاپلا كۆرۈۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر