چاۋۇشئوغلۇ تېلېفون دىپلوماتىيەسىنى داۋاملاشتۇرماقتا

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشوغلۇ تېلېفون دىپلوماتىيەسىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1492927
چاۋۇشئوغلۇ تېلېفون دىپلوماتىيەسىنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ ۋە كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىرانكوۋا- فىلىپ چامپاگنى بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلەشتى.

دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئېلىنغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، چاۋۇشوغلۇنىڭ ستولتېنبېرگ ۋە چامپاگنې بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبەتلىرىدە شەرقىي ئاقدېڭىز (شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىز) مۇزاكىرە قىلىنغان.

چاۋۇشوغلۇ يەنە تاتارستان پىرېزىدېنتى رۇستەم مىننىخانوۋ بىلەنمۇ تېلېفونلاشقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر