بىتلىس ۋىلايىتىدە يېڭى ھەرىكەت باشلاندى

بىتلىس ۋىلايىتىدە 747 خادىمنىڭ قاتنىشىشى بىلەن «12-يىلدىرىم بەشكايناك ھەرىكىتى» باشلاندى.

1492977
بىتلىس ۋىلايىتىدە يېڭى ھەرىكەت باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىتلىس ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى دۆلەتنىڭ كۈنتەرتىپىدىن پۈتۈنلەي چىقىرىش ۋە رايوندا ئۇۋا تۇتقانلىقى بايقالغان تېررورىستلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە «12-يىلدىرىم بەشكايناك ھەرىكىتى» نى باشلىدى.

تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىتلىستا باشلانغان «12-يىلدىرىم بەشكايناك ھەرىكىتى» توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، بىتلىس ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابىدىكى ئالاھىدە قوراللىق ساقچى قىسىم خادىملىرى، ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتى خادىملىرى، ئالاھىدە ھەرىكەت ساقچى خادىملىرى ۋە ئامانلىق قوغداش خادىملىرىدىن تەشكىللەنگەن 747 كىشىلىك 44 ئەترەتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تېررورلۇقنى پۈتۈنلەي يوقىتىش ئۈچۈن مەملىكەت ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان ۋە 2020-يىلى 13-ئىيۇلدا باشلانغان «1-2-3-4-5-6-7-8-9-10-11-يىلدىرىم» ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە، بۈگۈنگىچە جەمئىي 71 تېررورىستنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

ھەرىكەتلەردە يەنە، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 38 گۇماشتىسى تۇتۇلدى. 141 ئۆڭكۈر، پاناھلىنىش جايى ۋە ئىسكىلات بىتچىت قىلىندى. نۇرغۇن قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورا قولغا چۈشۈرۈلدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر