تىنچلىق بۇلىقى ۋە فىرات قالقىنى رايونلىرىدا تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىغا زەربە بېرىلدى
تۈركىيە ئارمىيەسى سۈرىيەدىكى تىنچلىق بۇلىقى ۋە فىرات قالقىنى ھەرىكىتى رايونلىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|ي پ گ نىڭ 11 ئەزاسىنى بىر تەرەپ قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، تېررورىستلارنىڭ تىنچلىق بۇلىقى ۋە فىرات قالقىنى ھەربىي رايونلىرىغا ئوق چىقارغانلىقى ۋە رايونلارغا مەخپىي كىرمەكچى بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، پ ك ك|ي پ گ غا ئەزا 11 تېررورىستنىڭ تۈركىيە ئارمىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى 2016-يىلى ئاۋغۇستتا سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ۋە ي پ گ|پ ك ك غا قارشى فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىنى، 2019-يىلى ئۆكتەبىردە تېررورلۇق كارىدورى پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنغان پ ك ك |ي پ گ غا قارشى تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتىنى باشلىغان ئىدى.
ھەربىي ھەرىكەتلەردە سۈرىيەنىڭ شىمالىي تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن تازىلانغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنى ئاتىنادا ئېچىلدى
تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرى يىغىنى ئاتىنا (ئافىنا)دا ئۆتكۈزۈلدى.