چاۋۇشئوغلۇ دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى يەرشارى ھەرىكەت گۇرۇپپىسىنىڭ 3 - نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتناشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى يەرشارى ھەرىكەت گۇرۇپپىسىنىڭ 3 - نۆۋەتلىك يىغىنىغا سىنلىق كونفېرانس ئارقىلىق قاتناشتى.

1491812
چاۋۇشئوغلۇ دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى يەرشارى ھەرىكەت گۇرۇپپىسىنىڭ 3 - نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتناشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ يىغىننىڭ تەپسىلاتلىرىنى تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلدى.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ يىغىندا، تۈركىيەنىڭ كوۋىد-19 يۇقۇمى مەزگىلىدە خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلارغا قوشقان تۆھپىسىنى ئورتاقلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەۋلۇت چاۋۇشوغلۇ بايانىدا: «دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى يەرشارى ھەرىكەت گۇرۇپپىسىنىڭ 3 - نۆۋەتلىك يىغىنىغا سىنلىق كونفېرانس ئارقىلىق قاتناشتۇق. دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇم مەزگىلىدە خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلارغا قوشقان تۆھپىسىنى ئورتاقلاشتۇق. كوۋىد-19 ئاجىز نۇقتىلارنى كۆرسەتتى،  بىراق ھازىر تېخىمۇ ياخشى ۋە بىخەتەر دۇنيا بەرپا قىلىش پۇرسىتىمىز بار» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر