بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 63 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 63 كىشى قازا قىلدى.

1491957
بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 63 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 63 نەپەر ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) بىمارى قازا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان قازا قىلغانلار سانى 7 مىڭ 249 غا يەتتى.

بىر كۈن ئىچىدە  112 مىڭ 645 كىشى تەكشۈرۈلدى، بۇلاردىن 1 مىڭ 771 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.

مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 1 مىڭ 342 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 262 مىڭ 602 كىشىگە يەتتى.


خەتكۈچ: #ۋابا , #ۋىرۇس

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر