تۈركىيە «ساكىز ئارىلى» دا يېڭى ناۋتېكس ئېلان قىلدى

تۈركىيە گىرېتسىيەنىڭ «ساكىز ئارىلى» نى «لوزان تىنچلىق شەرتنامىسى» نى دەپسەندە قىلىپ قوراللاندۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ يېڭى ناۋتېكس (دېڭىزچىلارغا ئۇقتۇرۇش) ئېلان قىلدى.

1490989
تۈركىيە «ساكىز ئارىلى» دا يېڭى ناۋتېكس ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە گىرېتسىيەنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە كېلىشىملەرگە خىلاپ پائالىيەتلىرىنى بۇ قېتىم ناۋتېكس ئارقىلىق جاكارلىدى.

يېڭى ناۋتېكس، تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ گىدروگرافىيە ۋە ئوكيانشۇناسلىق باشقارمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى.

بۇ ئارقىلىق، گىرېتسىيەنىڭ  قورالسىزلاندۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان «ساكىز ئارىلى» نى «لوزان تىنچلىق شەرتنامىسى» گە خىلاپلىق قىلىپ قوراللاندۇرغانلىقى پۈتكۈل جاھانغا جاكارلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر