قالىن: تۈركىيەنىڭ ھېچكىمنىڭ زېمىنىدا كۆزى يوق

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن تۈركىيەنىڭ ھېچكىمنىڭ زېمىنىدا كۆزى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

1490261
قالىن: تۈركىيەنىڭ ھېچكىمنىڭ زېمىنىدا كۆزى يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قالىن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، گىرېتسىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىنىڭ، دىپلوماتىيەگە بېرىلگەن پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماسلىقى ۋە مۇناسىپ قەدەملەرنى تاشلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە، جۇمھۇر رەئىسىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئەقىل - پاراسەتلىك رەھبەرلىكىدە، مەيلى ساھەدە بولسۇن، مەيلى سۆھبەت ئۈستلىدە بولسۇن، كۈچلۈك ئاكتىيور بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەمىشە ئۆزىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى ۋە تۈپ مەنپەئەتلىرىنى جان تىكىپ قوغدىماقتا. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىدۇ. گىرېتسىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى دىپلوماتىيىگە بېرىلگەن پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماسلىقى ۋە مۇناسىپ قەدەملەرنى تاشلىشى كېرەك. شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى تىنچ يول ھەل قىلىش چارىسى تېپىلىشى مۇمكىن. ھەققانىيەتكە ئاساسلىنىدىغان، كەڭ دائىرىلىك ۋە ئەمەلىيەتچىل پوزىتسىيەلەر (بۇ ھەقتە) تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. تۈركىيەنىڭ ھېچكىمنىڭ زېمىنىدا كۆزى يوقتۇر. ئەمما ھېچكىمگە ھەق – ھوقۇقلىرىنى يېگۈزۈش نىيىتىمۇ يوقتۇر، بۇ ھەقتە ئىرادىسى قەتئىيدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر