بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 57 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 57 كىشى قازا قىلدى.

1487835
بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 57 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 57 نەپەر ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) بىمارى قازا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان قازا قىلغانلار سانى 7 مىڭ 56 گە يەتتى.

بىر كۈن ئىچىدە  96  مىڭ 97 كىشى تەكشۈرۈلدى، بۇلاردىن 1 مىڭ 527  كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.

مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 1 مىڭ 202  كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 258  مىڭ 833 كىشىگە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر