ئەردوغان: فىرانسىيە پىرېزىدېنتىغا نارازىلىق بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرونغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

1489475
ئەردوغان: فىرانسىيە پىرېزىدېنتىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان، «دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكلەر ئارىلى» دا ئۆتكۈزۈلگەن «ۋەسىيلىكتىن دېموكراتىيەگىچە مىللىي ئىرادە» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك ماكرون ئەپەندىم، سىز مەن بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئاۋارىچىلىككە ئۇچرايسىز، سىزنىڭ تارىخ مەلۇماتىڭىزمۇ يوق. دەرۋەقە، فىرانسىيەنىڭ تارىخىنىمۇ بىلمەيسىز. ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، تۈرك مىللىتى بىلەن ھەپىلەشمەڭ، تۈركىيە بىلەن ھەپىلەشمەڭ.»

نۇتىقىدا گىرېتسىيە توغرىلىقمۇ توختالغان ئەردوغان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئەي گىرېتسىيە! نۆۋىتى كەلگەندە، <قوشنا، قوشنا> دەيسىز. ئۇنداقتا، قوشنىدارچىلىقنىڭ ھەققىنى بېرىڭ. خاتا يوللارغا كىرىپ قالماڭ. خاتا ئىش قىلىۋاتىسىز، بۇ يوللارغا كىرمەڭ، بولمىسا، يالغۇز قالىسىز.»

ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ئۆزىگە ئۆزى يېتىدىغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھازىر بىزنىڭ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى دەيدىغان بىر ئىشىكىمىز يوق. بىز ئۆزىمىزگە يېتىمىز. قىسقىسى، دۆلىتىمىز ئۆزىگە ئۆزى يېتىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر