تۈركىيە بېلگىيەنىڭ فەتھۇللاھچىلار سۇپىسىنى تاقىۋەتكەنلىكىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە، بېلگىيەدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «فەتھۇللاھ گۈلەن كۈلتۈرلەرئارا تەتقىقات سۇپىسى»نىڭ تاقىۋېتىلگەنلىكىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1489276
تۈركىيە بېلگىيەنىڭ فەتھۇللاھچىلار سۇپىسىنى تاقىۋەتكەنلىكىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، كائىن لېۇۋېن كاتولىك ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىبېشىنىڭ ئىسمىدىكى سۇپىغا مۇناسىۋەتلىك توختامنىڭ مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلماسلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا يازما ھالەتتە جاۋاب قايتۇردى.

مەزكۇر سۇپىنىڭ 2010 – يىلى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىقى بار ئورۇنلارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا قۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئاقسوي، «سۇپىنىڭ توختامنامەسىنىڭ، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئۆز دائىرىسىدە قاراپ چىقىلىپ ئۇزارتىلماسلىقىغا (تەرىپىمىزدىن) يۇقىرى باھا بېرىلدى» دېدى.

ئۇنىۋېرسىتېت، مەزكۇر ئورۇننىڭ پائالىيەتلىرىگە بولغان قىزىقىشنىڭ پەۋقۇلئاددە تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ تاقىۋېتىشنى قارار قىلغانلىقىنى، سۇپىنى مالىيە بىلەن تەمىنلەۋاتقان ئورگان بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمنىڭ 30 – سېنتەبىردە توشىدىغان مۇددىتىنىڭ يېڭىلانمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر