ئوكتاي: ماكرون مۇستەملىكىچىلىك ئىدىيەسىنىڭ ۋەكىلى

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان توغرۇلۇق بەرگەن باياناتلىرىغا «ماكرون مۇستەملىكىچىلىك ئىدىيەسىنىڭ ۋەكىلى» تەرىقىسىدە نارازىلىق بىلدۈردى.

1489041
ئوكتاي: ماكرون مۇستەملىكىچىلىك ئىدىيەسىنىڭ ۋەكىلى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوكتاي، ئاممىۋى تاراتقۇدىكى سەپىسىدە ئورتاقلاشقان «ئەردوغاننىڭ يېنىدىمىز» تېمىلىق ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى: «مۇستەملىكىچىلىك ئىيەسىنىڭ ۋەكىلى بولغان ماكرون ھەددىدىن ئاشقان باياناتلارنى بېرىشنى داۋاملاشتۇردى. ئۇ ھازىرچە ئۆزى بىلگەن ناتوغرا يوللاردا ماڭغاچ تۇرسۇن. بىز  ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە، دۇنيا مەزلۇملىرىغا ياردەم سۇنۇۋاتقان قول بولۇشنى، ھەمدە خەلقىمىز بىلەن بىرلىكتە تارىخ يېزىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر