رەيھانلى ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارى تۇتۇلدى

خاتاي ۋىلايىتىنىڭ رەيھانلى ناھىيەسىدە 2013 – يىلى يۈز بەرگەن ۋە 53 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارلىرىدىن ئەرجان بايات قولغا چۈشتى.

1488936
رەيھانلى ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارى تۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ماۋى» كاتېگورىيەدە «تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار تىزىملىكى» دىن ئورۇن ئالغان ئەرجان بايات، ئالدىنقى كۈنى، خاتاي ۋىلايىتىنىڭ سۈرىيە چېگراسىدا چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرلۈپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنىدى.

رەيھانلى ناھىيەسىدە 2013 – يىلى 11 – ماي كۈنى يۈز بەرگەن ئايرىم - ئايرىم ئىككى قېتىملىق بومبا ھۇجۇمىدا، دوختۇرخانىدا ۋاپات بولغان بىر يارىدار بىلەن قوشۇلۇپ، 53 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، كۆپ ساندا كىشى يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر