ئەردوغان تاچى ۋە ۋۇجىچ بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كوسوۋو پرېزىدېنتى ھاشىم تاچى ۋە سېربىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر ۋۇجىچ بىلەن ئايرىم – ئايرىم ھالدا تېلېفوندا سۆھبەتلەشتى.

1488007
ئەردوغان تاچى ۋە ۋۇجىچ بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېلېفون سۆھبەتلىرىدە، تۈركىيە - كوسوۋو ۋە تۈركىيە – سېربىيە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىدىغان قەدەم – باسقۇچلار بىلەن بىرلىكتە رايون خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، سۆھبەتلەر جەريانىدا تاچى ۋە ۋۇجىچ بىلەن ئىككى تەرەپ ۋە رايونلۇق مەسىلىلەردىكى قويۇق ھەمكارلىق ۋە كېڭىشىشنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر