ئەردوغان ئابې بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې بىلەن تېلېفونلاشتى.

1487674
ئەردوغان ئابې بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سالامەتلىك ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتۇپ بىر مەزگىلدىن كېيىن باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان شىنزو ئابې بىلەن تېلېفون كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭدىن ھال سورىدى ۋە ئەڭ قىسقا ۋاقىت شىپالىق تېپىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تۈركىيە – ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرىگە قوشقان مۇھىم تۆھپىلىرى ئۈچۈن ئابېغا رەھمەت ئېيتقان ئەردوغان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ كۈچەيگەن ھالدا داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

تۈركىيە – ياپونىيە ھەمكارلىقىنى ھەر ساھەدە چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىرادىسى تەكىتلەپ ئۆتۈلگەن سۆھبەتتە، بۇ يۆنىلىشنى بويلاپ تاشلىنىدىغان كونكرېت قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر