مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ مالى، گۋىنىيە بىسساۋ ۋە سېنېگالدا مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولىدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ 9 – ۋە 11 - سېنتەبىر كۈنلىرى مالى، گۋىنىيە بىسساۋ ۋە سېنېگالغا بارىدۇ.

1487389
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ مالى، گۋىنىيە بىسساۋ ۋە سېنېگالدا مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان يازما باياناتتا، چاۋۇشئوغلۇنىڭ مالى زىيارىتى دائىرىسىدە، مەملىكەتلىك خەلق بىخەتەرلىكى كېڭىشى (CNSP) ئەزالىرى، مالىدا تۇرۇشلۇق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كۆپ تەرەپلىمىلىك مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئۆتەش قىسىملىرى، (MINUSMA) ، غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي جەمئىيىتى (ECOWAS / CEDAO) ۋە ئافرىقا بىرلەشمىسى ۋەكىللىرى  بىلەن سىياسىي ئۆتكۈنچى جەريان، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر، رايون خاراكتېرلىق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرىلىشىدىغانلىقى پىلانلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، چاۋۇشوغلۇنىڭ 10 - سېنتەبىردىن 11 - سېنتەبىرگىچە گۋىنىيە بىسساۋ ۋە سېنېگالدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنىڭ بولسا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەۋىيەسىدە تۇنجى رەسمىي زىيارەت بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھەر جەھەتتىن كۆزدىن كەچۈرىلىدىغانلىقى ۋە يېڭى ھەمكارلىق پۇرسەتلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى، زىيارەتنىڭ رايون خاراكتېرلىق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتى يارىتىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر