ئەردوغان: تۈركىيە رايونىدا سۆز ساھىبى بىر دۆلەت

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ رايونىدا سۆز ساھىبى بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1486835
ئەردوغان: تۈركىيە رايونىدا سۆز ساھىبى بىر دۆلەت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان، ئۇدا 4 سائەت داۋاملاشقان مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا،  شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە ئەگە دېڭىزىدا بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان سۈركىلىش ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە نۆۋەتتە رايونىدا سۆز ساھبى بىر دۆلەتتۇر. گىرېتسىيەگە ئوخشىغان شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە ئەگە دېڭىزىدا تارىختىن ئىبرەت ئالماستىن، تۈركىيەنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىشقا ئۇرۇنغۇچىلار، ئاخىرىدا رېئاللىقنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۆز پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە پاراۋانلىقىنى خەۋپكە دۇچار قىلىش بەدىلىگە تۈركىيە بىلەن زىتلىشىۋاتقانلار ئۈچۈن شۇنى ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا ئېيتىمەنكى؛  ئۇلار ۋاقتى كەلگەندە بۇنىڭ ئۈچۈن ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەشكە مەھكۇمدۇر.»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭكىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كېلىشىملەرگە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلەرگە قارىتا سەلبىي پوزىتسىيە تۇتۇش ۋە قانۇنسىز سۆز – ھەرىكەتلەردە بولۇش قىلمىشلىرىنى ئەپسۇسلىنارلىق ئىلكىدە كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «قىبرىس، سۈرىيە ۋە لىۋىيەدە سىناقتىن ئۆتەلمىگەن ياۋروپا ئەللىرىنىڭ، ھېچبولمىغاندا شەرقىي ئاقدېڭىزدا پىرىنسىپلىق پوزىتسىيە تۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، تۈركىيە چېگرا بىخەتەرلىكىنى جان تىكىپ قوغداشتا ھېچنېمىدىن ئايانمىغىنىدەك، شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ھەق – ھوقۇقلىرىنى جان تىكىپ قوغداش مەسىلىسىدىمۇ ھېچنېمىدىن ئايانمايدۇ، ھەمدە ئاداقىچە قەتئىي ئىرادە بىلەن ئاكتىپ سىياسەتنى يولغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر