ماشارىپوۋ  1368 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

ئىستانبۇلدىكى كۆڭۈل ئېچىش مەركىزىدە 2017 – يىلى كېچىسى يۈز بەرگەن ۋە 39 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمىغا مۇناسىۋەتلىك سوتتا، جاۋابكار ماشارىپوۋ 1368 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

1486916
ماشارىپوۋ  1368 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇل 27 – ئېغىر جىنايى ئىشلار سوتىدا، سوت ھەيئىتى، مەزكۇر تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئېلىپ بارغان جاۋابكار ئابدۇلقادىر ماشارىپوۋنى، «ئاساسىي قانۇننى دەپسەندە قىلىش» ۋە «ساقچى بۇراق يىلدىزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 39 كىشىنى قەستەن ئۆلتۈرۈش» جىنايىتى سەۋەبلىك 40 قېتىم ئېغىرلاشتۇرۇلغان مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

تۇتقۇنلۇق ھالىتىنىڭ داۋاملىشىشى قارارلاشتۇرۇلغان ماشارىپوۋ، «79 كىشىنى ئۆلتۈرۈشكە تەشەببۇس قىلىش» ۋە «خەۋەپلىك رۇخسەتسىز قورال ساقلاش» جىنايەتلىرى سەۋەبلىك 1368 يىللىق قاماق جازاسى ۋە 375 مىڭ لىرا پۇل جازاسىغا مەھكۇم قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر