تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

بىتلىسنىڭ ھەسىدا  رايونىدا ئاپېلسىن ۋە كۈلرەڭ كاتېگورىيەدىكى ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1486279
تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى بىخەتەرلىكنى قوغداش ھەربىي ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە، بىتلىسنىڭ سەھى ئورمانلىقلىرىدا، ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابىغا قاراشلىق ئالاھىدە قىسىملار، ئالاھىدە ئەترەتلەر، قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى، ۋە «ئاتاق» ناملىق تىك ئۇچار ئايروپىلانلارنىڭ ياردىمى ئاستىدا، تۈنۈگۈن ئىشقا ئاشۇرۇلغان ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا، 6 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلاردىن بىرىنىڭ، تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئاپېلسىن كاتېگورىيەدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاياللار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى روناھى دەرسىم كود ئىسىملىك ئۆزلەم ئاتساق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.

بىر تەرەپ قىلىنغان يەنە بىر تېررورچىنىڭ بولسا،  تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان كۈلرەڭ كاتېگورىيەدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئازاد سورەش كود ئىسىملىك رىدۋان ئەريىلماز ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر