مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئاۋسترىيە باش مىنىستىرىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا نىسبەتەن ئاساسلىق تەھدىتنىڭ ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى سېباستىيان كۇرز ۋە ئۇ ۋەكىللىك قىلىۋاتقان بۇرمىلانغان ئىدىئولوگىيەسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1485523
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئاۋسترىيە باش مىنىستىرىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى سېباستىيان كۇرزنىڭ «ئەردوغان ياۋروپادىكى تۈركلەرنى ئۆز مەقسىتى ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتىدۇ» دېگەن «Euronews» تىكى خەۋەرنى نەقىل كەلتۈرۈپ، «ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا نىسبەتەن ئاساسلىق تەھدىت كۇرز ۋەكىللىك قىلىۋاتقان بۇرمىلانغان ئىدىئولوگىيەدۇر. چەتئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىش، ئىرقچىلىق ۋە ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش ئۈستىگە قۇرۇلغان يىرگىنىشلىك سىياسەت دەۋرىمىزنىڭ روھىي كېسەللىكىدۇر» دېدى.

«Euronews» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سېباستىيان كۇرز گېرمانىيە گېزىتى «Handelsblatt» قا بايانات بېرىپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى «پاناھلانغۇچىلارنى قورال قىلىپ ئىشلىتىش» بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى چېگراسىنى قوغداش شۇنداقلا گىرېتسىيە بىلەن تولۇق ئىتتىپاقلىشىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر