ئاقار فىرانسىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار  پايتەخت ئەنقەرەدىكى دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا سۆز قىلغاندا شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا توختالدى.

1485169
ئاقار فىرانسىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، «فىرانسىيە كاللىسىغا كەلگەننى قىلالايدىغانلىقىنى خىيال قىلىۋاتىدۇ. شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىز يەتمەي، ئىراق توغرىسىدىمۇ بەزى باياناتلارنى بېرىۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئىتتىپاقداشلىق روھىغا، تىنچلىققا ياكى دىيالوگقا تۆھپە قوشىدىغان ئىشلار ئەمەس» دېدى.

خۇلۇسى ئاقار  پايتەخت ئەنقەرەدىكى دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا سۆز قىلغاندا شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا توختىلىپ، «فىرانسىيەنىڭ بۇ رايون بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، چېگراسى يوق، كېلىشىملەرنى تايانچ قىلىدىغان ۋەكىللىك مەجبۇرىيىتىمۇ يوق. ئۇنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ياكى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ۋەكىللىك قىلىش ھوقۇقىمۇ يوق، ئەمما ئۇ نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىن كېلىپ، بىر قاتار مەسىلىلەردە پىرىنسىپ ۋە دەۋالارنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ. بۇلار ھەقىقەتەن تۇتامغا چىقىدىغان ھېچقانداق تەرىپى بولمىغان دەۋالار تىزمىسى بولۇپ، قوبۇل قىلىنىشى مۇمكىن ئەمەس» دېدى.

فىرانسىيەنىڭ رايونغا ھەربىيلىرىنى ئېلىپ كېلىپ مانېۋىرلارغا قاتناشقانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن ئاقار، «بۇلارنى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن قىلىۋاتىمىز دېيىشىۋاتىدۇ. ئەكسىچە، ئۇلار بۇنىڭ جىددىيلىكنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ۋە قىلغانلىرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئېلان قىلىنغان باياناتلار، قوللىنىلغان تىل، پوزىتسىيە ۋە ئۇسلۇب ھەرگىزمۇ توغرا ئەمەس، بۇ ئىشلار دىيالوگقا خىزمەت قىلمايدۇ، تىنچلىققا تۆھپە قوشمايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ، تۈركىيە بۇ رايوندا قىلىۋاتقان ئىشى (يەر تەۋرەش تەتقىقاتى پائالىيىتى) نىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە دېڭىز- ئوكيان قانۇنىغا پۈتۈنلەي ماس كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «فىرانسىيە كاللىسىغا كەلگەننى قىلالايدىغانلىقىنى خىيال قىلىۋاتىدۇ. شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىز يەتمەي، ئىراق توغرىسىدىمۇ بەزى باياناتلارنى بېرىۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئىتتىپاقداشلىق روھىغا، تىنچلىققا ياكى دىيالوگقا تۆھپە قوشىدىغان ئىشلار ئەمەس... يەنە بىر تەرەپتىن، بىزنىڭ ھەققىمىزنى، ھوقۇقىمىزنى ھېچكىمگە بەرمەيدىغانلىقىمىزدىن ھەممەيلەننىڭ خەۋىرى بولۇپ قالسۇن. بىز ئىشىمىزنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈنمۇ بۇ يەردىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر