ئەردوغان: تۈركىيەنى يۆنىلىشىدىن چىقىرىۋېتىشكە ئۇرۇنغانلار ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قالىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئايىغى چىقماس تۇزاقلار بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە توسالغۇ بولالمىغان تۈركىيەنى ئەقلاق ۋە ۋىجداندىن سىرتقى ئويۇنلار بىلەن يۆنىلىشىدىن چىقىرىۋېتىشكە ئۇرۇنغانلارنىڭ ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1485036
ئەردوغان: تۈركىيەنى يۆنىلىشىدىن چىقىرىۋېتىشكە ئۇرۇنغانلار ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قالىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان، ئەنقەرە – نىگدە دۆلەتلىك تاش يولىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «بۇ يول سايىسىدا دۆلىتىمىز 885 مىليون لىرا، يېقىلغۇدىن 743 مىليون لىرا بولۇپ، جەمئىي 1 مىليارد 628 مىليون لىرا تېجەپ قالالايدۇ. بۇ يول لايىھەسىنى كۆپلىگەن ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ياساپ چىقتۇق.  نىشانىمىز، 1915 چاناققەلئە  كۆۋرۈكىنى 2022 – يىلى 18 – مارت كۈنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈشتۇر. كۆپلىگەن جايلاردا تۈركىيەنىڭ ئېغىرلىقى ئوچۇق - ئاشكارا ھېس قىلىنىۋاتقان بولسا، بۇنىڭ پەردە ئارقىسىدا، بىز ساھىب بولۇۋاتقان سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچ باردۇر. ئايىغى چىقماس تۇزاقلار بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە توسالغۇ بولالمىغان تۈركىيەنى ئەقلاق ۋە ۋىجداندىن سىرتقى ئويۇنلار بىلەن يۆنىلىشىدىن چىقىرىۋېتىشكە ئۇرۇنغانلار ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قالىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر