ئەنقەرە گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى يالغانلىرىنى رەت قىلدى

تۈركىيە، گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىز مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئەنقەرە ھۆكۈمىتىگە قاراتقان خەۋەرلىرىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1483854
ئەنقەرە گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى يالغانلىرىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، گېرمانىيە «Die Welt» گېزىتىدىكى خەۋەرلەر ۋە گىرېتسىيە ھۆكۈمەت باياناتچىسىنىڭ بۇنىڭغا ئاساسەن بەرگەن بايانلىرىغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا يازما جاۋاب بەردى.

گېزىتنىڭ، شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىز مەسىلىسى توغرىسىدىكى تۈركىيەگە مۇناسىۋەتلىك خەۋىرىنىڭ پۈتۈنلەي خىيال مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئاقسوي، «گىرېتسىيە ھۆكۈمەت باياناتچىسىنىڭ بۇ خىيالىي خەۋەرنى ئاساس قىلىپ دۆلىتىمىزنى ئەيىبلىشىمۇ بۇ دۆلەتنىڭ شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزدىكى رېئاللىقتىن يىراق، خەلقئارا ئۆرپ - ئادەت ۋە قانۇنلارغا ماس كەلمەيدىغان ئىغۋاگەرچىلىك سىياسىتىنىڭ يېڭى ئىپادىسىدۇر» دېدى.

گېرمانىيەنىڭ«Die Welt»  گېزىتى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزدىكى گىرېتسىيە پاراخوتلىرىنى بومباردىمان قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكى توغرىسىدا يالغان خەۋەر تارقاتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر