تۈركىيە سۇدان ھۆكۈمىتى بىلەن قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىشىنى قىزغىن قارشى ئالدى
تۈركىيە، سۇدان ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى بىلەن قوراللىق گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىنىشىغا يۇقىرى باھا بەردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەزكۇر كېلىشىم توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ،
«بىز سۇدان ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى بىلەن قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ جەنۇبىي سۇداننىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرى نەتىجىسىدە تۈنۈگۈن جۇبادا ئىمزالانغان كېلىشىمنى قىزغىن قارشى ئالىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
باياناتتا، سۇداننىڭ مىللىي ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشنىڭ مۇھىم قەدىمىنى تەشكىل قىلىدىغان بۇ كېلىشىمنىڭ دۆلەت ئىچىدە ئىچكى تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئورنىتىشقا مۇھىم تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنىپ، «تۈركىيە، دوست ۋە قېرىنداش سۇداندا مۇقىملىق ئورنىتىش يولىدىكى بارلىق تىرىشچانلىقلارنى داۋاملىق قوللايدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
سۇدان ھۆكۈمىتى، سۇداندىكى نۇرغۇن قوراللىق ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۇدان ئىنقىلابچى فىرونتى بىلەن 17 يىللىق توقۇنۇشقا خاتىمە بېرىش توغرىسىدا تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.
سۇداندىكى «ئادالەت ۋە باراۋەرلىك ھەرىكىتى» ۋە «سۇدان خەلق ئازادلىق ھەرىكىتى - شىمال» ناملىق قوراللىق ھەرىكەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ھۆكۈمەتكە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان سۇدان ئىنقىلابچى فىرنتى، سۇداندىكى ھاكىمىيەت ئۆزگىرىشىدىن كېيىن دۆلەتكە قارشى تۇرۇشنى توختاتقانىدى.