چەلىك: گىرېتسىيە باندىت دۆلەتتۇر

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك، «گىرېتسىيە ھازىرنىڭ شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزىدىكى باندىت دۆلەتتۇر، ئۇ ئۆزىنىڭ كۆلىمىدىن ھالقىغان ئىشلارنى قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ» دېدى.

1483213
چەلىك: گىرېتسىيە باندىت دۆلەتتۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆمەر چەلىك جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى داۋاملىشىۋاتقان پەيتتە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، كۈن تەرتىپكە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا توختالدى ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

«گىرېتسىيە ھازىرنىڭ شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزىدىكى باندىت دۆلەتتۇر، ئۇ ئۆزىنىڭ كۆلىمىدىن ھالقىغان ئىشلارنى قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ» دېگەن چەلىك، شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزدىكى تەكشۈرۈشلەر ھەققىدە توختىلىپ، «بىز بۇ خىزمەتنى چوڭ قۇرۇقلۇقىمىز ئىچىدىكى دېڭىز سالاھىيەت تەۋەلىكىمىزدە ئېلىپ بېرىۋاتىمىز، ئۇ يەردە گىرېتسىيەگە مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق ئىش يوق» دېدى.

باياناتچى چەلىك، «بىز ماۋى ۋەتەن (ۋەتىنىمىزنىڭ دېڭىزدىكى تەۋەلىكى) ھەققىدە كېيىنچە كەچۈرۈم سورىلىدىغان بىر ھەرىكەتنىڭ ئۆزرىسىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىمىزنى ھازىردىنلا ئوتتۇرىغا قويىمىز» دېدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «فىرانسىيەلىكلەرنىڭ رافالې ئايروپىلانلىرىنى ئۇ يەرگە ئەكېلىش ياكى جەنۇبىي قىبرىس بىلەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئېرىشىدىغان ھېچ نەرسىسى يوق. بۇ خىل دىپلوماتىيەلەرنىڭ نەتىجىسى گىرېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر