چاۋۇشئوغلۇ: زىيان تارتقۇچى تەرەپ گىرېتسىيە بولىدۇ

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ «مېئس ئارىلى» دا قوراللىنىش مەسىلىسىدە چەكتىپ ئېشىپ كەتكەن تەقدىردە زىيان راتقۇچى تەرەپنىڭ گىرېتسىيە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1482843
چاۋۇشئوغلۇ: زىيان تارتقۇچى تەرەپ گىرېتسىيە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، پايتەخت ئەنقەرەدە ئالجىرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى سابرى بۇقەدۇم بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتە توختالغاندا مۇنداق دېدى: «گىرېتسىيە، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا ئەكس ئەتكەن خەۋەرلەردىن كېيىن، ئەسكەرلەرنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇشى مەسىلىسىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى. <مېئىس ئارىلى> دا قوراللىنىش مەسىلىسىدە چەكتىپ ئېشىپ كەتكەن تەقدىردە، زىيان راتقۇچى تەرەپ گىرېتسىيە بولىدۇ. دەرۋەقە، گىرېتسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ شەرتسىز قوللىشى ئاستىدا خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىغۋاگەرلىك پائالىيەتلىرىنى قويۇقلاشتۇرماقتا. بىز ھېچكىمنىڭ ھەققىنى يېمەيمىز، بىزنىڭ ھەققىمىزنىمۇ ھېچكىمگە يېگۈزمەيمىز. بۇ مەسىلىدىمۇ گىرېتسىيە زىيان تارتىدۇ. شۇڭا، باشقىلارنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن، ياكى ئىشلىتىشى بىلەن تۈركىيەگە قاشي سەلبىي قەدەملەرنى تاشلىماڭ.»

ئۇ يەنە، شەرقىي ئاقدېڭىز  مەنبەلىرىدىن ھەق – ئادالەت ئاساسىدا بەرھىمەن بولۇش مەسىلىسىدە، تۈركىيەنىڭ بارلىق تەرەپلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر