ئاتاكۇلە مۇنارى قىزىل رەڭگە پۇركەندى
پايتەخت ئەنقەرەنىڭ سىمۋوللۇق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى بولغان ئاتاكۇلە مۇنارى، 30 – ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن قىزىل رەڭدە يورۇۇلدى.
1481793
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ئەنقەرەنىڭ سىمۋوللۇق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى بولغان ئاتاكۇلە مۇنارى، 30 – ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋەتەن ئۈچۈن قان تۆككەن بارلىق شېھىتلەرنىڭ خاتىرىسىگە بېغىشلاپ قىزىل رەڭدە يورۇۇلدى.
ئىككى نەپەر تۈرك تاغقا ياماشقۇچى بۈيۈك زەپەر قولغا كەلتۈرۈلگەن 1922 – يىلىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا سائەت 19:22 ئۆتكەندە ئاتاكۇلە ئەڭ ئېگىز نۇقتىسىغا چىقىپ، 15 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تۈرك بايرىقىنى ئاستى.