تۈركىيە نورۋېگىيەدە  يۈز بەرگەن قۇرئان كەرىمگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە نورۋېگىيەدىكى بىر گۇرۇپپا ئىسلام دۈشمىنى ۋە ئىرقچىلارنىڭ قۇرئان كەرىمگە ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

1482019
تۈركىيە نورۋېگىيەدە  يۈز بەرگەن قۇرئان كەرىمگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى نورۋېگىيەدە قۇرئان كەرىمگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىنغانلىقىغا قارىتا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، «نورۋېگىيەدە بىر تۈركۈم ئىسلام دۈشمىنى ۋە ئىرقچىلارنىڭ قۇرئان كەرىمگە قىلغان ھۆرمەتسىزلىكىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. بىز ئىزچىل تەكىتلەپ كەلگىنىمزىدەك، بۇ خىل ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرى پەقەت مۇسۇلمانلارنىلا ئەمەس، بەلكى قانۇن دۆلەتلىرىنىمۇ ۋە دېموكراتىك تۈزۈمنىمۇ ھۇجۇم نىشانى قىلماقتا. بۇ ناتسىستلارنىڭ قالدۇقلىرى مەۋجۇت بولغان جەمئىيەتنى ۋىرۇسقا ئوخشاش بۇلغىماقتا ۋە زىيان يەتكۈزمەكتە» دېيىلدى.

 بۇ كېسەل پىكرلىكلەرگە قارشى كۈرەش قىلىشنىڭ پەقەت، بۇ خىل پىكىرلەرنى يېيىۋاتقان داۋراڭچى سىياسەتچىلەرنى چەتكە قىقىش بىلەن مۇمكىن بولىدىغانلىقى  تەكىتلەنگەن باياناتتا يەنە، ئىرقچىلىق ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكىنى پىكىر ئەركىنلىكى دائىرىسىدە كۆرۈشنىڭمۇ ئىنتايىن خاتا ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، ئاساسىي ئېقىمدىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭمۇ پەقەت بېلەتكە ئېرىشىش ئۈچۈنلا بۇ خىل ئىرقچى سۆزلەرنى  توسماسلىقى ياكى قىسمەن ئۆزلەشتۈرىشىنىڭ ئېغىر بىر تەھدىد شەكىللەندۈرىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىپ يەنە مۇنداق دېيىلدى:

«تۈركىيە ھەر ۋاقىت فاشىست، ئىرقچى ئېقىملارغا قارشى كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ دائىرىدە، ياۋروپالىق سىياسىئونلارغا ۋە ياۋروپا ئورگانلىرىغا چاقىرىق ئېلان قىلىمىز. ئەپسۇسكى،  مۇقەددەس كىتابىمىزغا قارشى بۇ خىل ھەرىكەتلەر بولۇپمۇ دېموكراتىيەگە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇننىڭ ئۈشتۈنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرىلىۋاتقان سكاندىناۋىيە دۆلەتلىرىدە يېقىنقى بىر قاچە يىلدىن بۇيان ئەۋج ئالغان شەكىلدە يۈز بەرمەكتە.  بىز نورۋېگىيە دائىرىلىرىنىڭ بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، نويابىردىكىگە ئوخشاش بۇ ھەرىكەتنىڭ تەكرارلانماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلودا تۈنۈگۈن ئىسلامغا قارشى ئوڭچىل گۇرۇپپا تەرىپىدىن پارلامېنت ئالدىدا تەشكىللىگەن ھەرىكەتتە قۇرئان كەرىم يىرتىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر