ئوكتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىنى تەنقىد قىلدى

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىز مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى تەنقىد قىلدى.

1481206
ئوكتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوكتاي، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىز مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى تەنقىد قىلدى، ھەمدە شەرقىي ئاقدېڭىزدا تۈركىيەنىڭ ئۆزىنىڭ ماتېرىك سۇپىسى ئىچىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلەر مەسىلىسىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ، بىر تەرەپتىن، دىيالوگ ئورنىتىش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، باشقا پىلانلارنىڭ كويىدا بولۇشىنى سەمىمىيەتسىزلىك دەپ ئاتاپ، مۇنداق دېدى: «بىز تىنچلىق ۋە دىپلوماتىيە تىلىنىڭ نېمىلىكىنى ئوبدان بىلىمىز، بىراق، تۈركىيەنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى ۋە تۈپ مەنپەئەتلىرىنى قوغداشقا كەلگەندە، مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىشتا قىلچە ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايمىز. بۇنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغانلارنىڭ بېشىدا، فىرانسىيە بىلەن گىرېتسىيە كېلىدۇ، ئەلۋەتتە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر